Thursday, October 9, 2008

AutoCAD گە قەدەم باسايلى

بۈگۈندىن باشلاپ ، CAD كۇلۇبىدا AutoCAD گە ئائىت بىلىملەر تونۇشتۇرۇلىدۇ ۋە AutoCAD نىڭ ئىقتىدارلېرى بىر بىرلەپ تونۇشتۇرۇلىدۇ . AutoCAD ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:ھەممىمىزگە مەلۇم ، كومپيۇتېردا لاھىيلەش ھازىر ناھايتى ئومۇملىشىپ كەتتى ، نۇرغۇنلىغان كەسىپلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق تېخىمۇ راۋاجلىنىۋاتىدۇ ، ھەتتا كومپيۇتېر بولمىسا بولمايدىغان ھالغا يەتتى . AutoCAD تەكشىلىكتە چىرتىيوژ لاھىيلەش ، گىرافىك سىزىش ، ئۈچ ئۆلچەملىك لاھىيلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولغان لاھىيلەش قورالى بولۇپ ، ئۇنىڭ ناھايتى كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار ، شۇڭا AutoCAD ھازىر ماشىنسازلىق ، بىناكارلىق ، بىزەكچىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلمەكتە .Auto CAD ئامىرىكىنىڭ AutoDesk شىركىتى ياسىغان يۇمشاق دېتال. دۆلىتىمىز بازىرىغا تۇنجى بولۇپ كىرگەن CAD دېتالى ھېسابلىنىدۇ.

No comments: