Friday, October 10, 2008

[AutoCAD] سىزىش قوراللېرى بىلەن تونۇشۇش

تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى [AutoCAD] نىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈشى بولۇپ تۆۋەندە قورال ستونىدىكى  كۆپ ئىشلىتىلىدىغان  ئىقتىدارلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز :

点击查看原始尺寸
1-نۇمۇردىكى قورال تۈز سىزىق سىزىش قورالى ، بۇ قورال ئارقىلىق تۈز سىزىق ۋە تۈز سىزىقتىن تۈزۈلگەن شەكىللەرنى سىزىشقا بولىدۇ.
2-نۇمۇردىكى ياردەمچى سىزىق قورالى ، بۇ قورال ئارقىلىق سىزىش رايونىدا ياردەمچى سىزىق ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.
3-نۇمۇردىكى كۆپ ئىقتىدارلىق سىزىق قورالى ، بۇ قورال ئارقىلىق ئارقىمۇ ئارقا ئۇلانغان تۈز سىزىق ۋە ئەگىر سىزىقلارنى سىزىشقا بولىدۇ ، سىزىقنىڭ توملۇقى قاتارلىقلارنى تەڭشەشكە بولىدۇ.
4-نۇمۇردىكى كۆپ تەرەپلىك سىزىش قورالى ، بۇ قورال ئارقىلىق ئۆزىمىزگە لازىم بولغان كۆپ تەرەپلىك سىزىپ چىقالايمىز.
5-نۇمۇردىكى تىك تۆت بۇلۇڭ سىزىش قورالى بۇ قورال ئارقىلىق ، خالىغان ئۆلچەمدىكى تىك تۆت بۇلۇڭ سىزىشقا بولىدۇ.
6-نۇمۇردىكى ياي سىزىش قورالى ، بۇ قورال ئارقىلىق خالىغان ئۆلچەمدىكى ياي سىزىشقا بولىدۇ.
7-نۇمۇردىكى چەمبەر سىزىش قورالى ، بۇ قورال ئارقىلىق خالىغان چوڭلۇقتى چەمبەر سىزىشقا بولىدۇ.
8-نۇمۇردىكى چۈشەندۈرۈش قوشۇش ، ياكى چۆرەدەش قورالى ، بۇ قورال ئارقىلىق ئىزاھات بېرىدىغان رايوننى چۆرەدىگىلى بولىدۇ.
9-نۇمۇردىكى  ئەگىر سىزىق سىزىش قورالى .
10-نۇمۇردىكى ئىللىپىس سىزىش قورالى .
11-ئورۇندىكى ئىللىپىس ياي سىزىش قورالى.
12- ئورۇندىكى خەت يېزىش قورالى ، سۆرەت سىزىش رايونىغا خالىغان خەتلەرنى يېزىشقا بولىدۇ.
13-ئورۇندىكى ئۆچۈرۈش قورالى ، سىزغان سۆرەتلەرنى بۇ قورال ئارقىلىق ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ.
14- ئورۇندىكى كۆپەيتىش قورالى .
15-ئورۇندىكى Mirror قورالى ، يەنى بىر سۆرەتنى مەلۇق ئوبىكىتقا نىسبەتەن ئوخشىش ھالەتتە كۆپەيتكىلى بولىدۇ.
16-ئورۇندىكى يۆتكەش قورالى . سىزغان سۆرەتنى ئورۇن يۆتكەشتە ئىشلىتىدۇ.
17- ئورۇندىكى ئايلاندۇرۇش قورالى ، يەنى سىزغان سۆرەتنى 0دىن 360 گىرادوسقىچە ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ.
18-ئورۇندىكى ئۈزۈك نۇقتا ھاسىل قىلىش قورالى.
19-ئورۇندىكى ئۈزۈك رايون ھاسىل قىلىش قورالى.
20-ئورۇندىكى كىسىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىش قورالى .
21-ئورۇندىكى ئەگرى بۇلۇڭ ھاسىل قىلىش قورالى.
22-ئورۇندىكى پارتىلىتىش قورالى ، بۇ قورال ئارقىلىق بىر پۈتۈن گەۋدە بولغان سۆرەتنى ، ئايرىم ئايرىم قىلىپ پارچىلاشقا بولىدۇ.

No comments: